باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى

2014.06.23 14:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 مىليارد يۈەن بولۇپ، شېنجېن 1 مىليارد يۈەن ياردەم قىلدى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون قەشقەر شەھىرىدە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش ئۈچۈن ئورۇن تاللىدى، بۇنىڭغا جەمئىي 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. شېنجېن شەھىرى تەرەپ 22 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى ئورنىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغان 1 مىليارد يۈەن پۇل چېكىنى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش پىلانى مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما شۇنداقلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن شېنجېن شەھىرىنىڭ مائارىپتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش ھازىرقىلارغا تۆھپە بولىدىغان، كېيىنكىلەرگە نەپ بېرىدىغان زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تايانچىغا ئىگە قىلىدۇ››.

  شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، باش قوماندان ياردەمچىسى جۇ جاۋشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل، ئالىي مائارىپ كۈچى نىسبەتەن ئاجىز، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلار زاپاس قوشۇنىنى تولۇقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ مائارىپتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشقا 1 مىليارد يۈەن ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى››.

  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەتراپلىق، پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا سېلىشتۇرغاندا ساھەلەر، كەسىپلەر بويىچە تېخىمۇ كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەۋەتىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەنلەر سىستېمىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا سانائەت، داۋالاش، باشقۇرغۇچى جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل، شۇڭا، ئۇنىۋېرسىتېتتا تەسىس قىلىنىدىغان پەنلەرنى پىلانلىغاندا ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، سەنئەت قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەر، خاس پەنلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە سانائەت پەنلىرى، باشقۇرۇش ئىلمى، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە تېببىي پەن قاتارلىق قوللىنىشچان پەنلەرمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى››.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئاساسىدا كۆپ خىل پەنلىك ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 451 مىليون كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئومۇمىي پىلان ۋە 1 – قارارلىق قۇرۇلۇش ئۇقۇم لايىھەسى 2 – قېتىملىق باھالاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە بولغان 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، 2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشقا 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەكتەپ ئىككى رايونلۇق قۇرۇلما شەكىللىنىدۇ، يېڭى مەكتەپ رايونىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئاساس قىلىنىدۇ، كونا مەكتەپ رايونى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا چوڭلار ئوقۇش تارىخى مائارىپى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق مائارىپى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە تۈرلۈك كۇرسلار ئاساس قىلىنىدۇ.

  پىلان بويىچە، 2015 – يىلى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىسى 13 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. 2020 – يىلى 15 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 14 مىڭ، ئاسپىرانت 700، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى 300 ئەتراپىدا بولىدۇ. يىراق كەلگۈسى پىلان بويىچە، مەكتەپنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىسى 20 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر