باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىدى

2014.06.24 15:30         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چارۋىچىلىق ماكانى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يېقىنقى يىللاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىدى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا يىللىق سېتىش كىرىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 1981گە يەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈت، گۆش، تىۋىت كەسىپلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى روشەن بولدى، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات كەسىپلىرى مۇقىم راۋاجلاندى، يەم – خەشەك، خاس گۈللەنمە كەسىپلەر پۇختا راۋاجلاندى. 2014 – يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كارخانىلارنىڭ قايتا تەشكىللىنىپ بىرلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۆلەملىك تۈجۈپىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش دائىرىسى كەڭ بولغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلەشتۈرۈلگەن ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىپ، سېتىش كىرىمى 1 مىليارد يۈەن، 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كۆلەملەشكەن باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرىدۇ.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 2014 – يىلى كەسىپلەشكەن رايون ۋە بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كارخانا بىلەن دېھقانلار، چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يىللىق سېتىش كىرىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كەسىپلەشكەن پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش كىرىمىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئەتراپىدا كۆپەيتىپ، دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشقا يېتەكلەشكە تېخىمۇ تىرىشىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باشلامچى كارخانىلارنى ئەڭ تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش، پايغا قاراپ دارامەت ئېلىش، پايدا قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پىششىقلاش، سېتىش ھالقىلىرىدىكى بەزى پايدىلارنى دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقرالار قۇرۇش، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كارخانىنى سۇبيېكت قىلىپ، كەسپىي ئاپپاراتلارنى كىرگۈزۈپ، كۇرسلۇق يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر