باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن ئۆزىنى ‹‹پارلامېنتتىكى ئەڭ نامرات كىشى›› دېدى

2014.06.26 13:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن ئۆزىنى ‹‹پارلامېنتتىكى ئەڭ نامرات كىشى›› دېدى

  خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىللارى كلىنتوننىڭ غايەت زور كىرىمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر چىگىشلىشىپ كەتكەندە ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىن ئۆزىنىڭ نىسبەتەن كەمبەغەللىكىنى تەكىتلەپ ، ئۆزىنى ‹‹ پارلامېنتتىكى ئەڭ نامرات كىشى ›› دېگەن ، بۇ ھىللارى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان .

  ئاق سارايدىكى خىزمەتچى ئائىلىلەر ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا ، بايدىن ئۆزىنىڭ ئاشۇ تەقسىماتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى جېنىنىڭ بارىچە قوغلىشىپ ، ئائىلىلەر بالىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاپ بولغۇچە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچلىقلارنى ئىنتايىن چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن . ئۇ ئۆزىنىڭ نىسبەتەن قىممەت كاستوم كىيىدىغانلىقىنى ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن خېلى كۆپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ، ئەمما يەنە ئۆزىنى ‹‹پارلامېنتتىكى ئەڭ نامرات كىشى ›› دېگەن . بايدىن مۇنداق دېگەن : مەندە پاي چېكى ، زايوم قاتارلىقلار بولمايلا قالماستىن ، ھەتتا پۇل قويۇش ھېسابات نومۇرىمۇ يوق .

  خەۋەردە دېيىلىشىچە ، بايدىن بىلەن ئايالى جىلنىڭ 2013-يىللىق كىرىمى 407 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن ئىككى مىليون 530 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) بولۇپ ، بۇ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ مائاشى 230 مىڭ 700 ئامېرىكا دوللىرى (بىر مىليون 440 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇلار دېلاۋىيەر ئىشتاتىغا جايلاشقان تۇرالغۇسىنى ئامېرىكا ئالاھىدە ئەھۋال ئىدارىسىگە ئىجارىگە بەرگەن بولۇپ ، بۇ ئىدارە ھەر ئايدا 2200 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 13 مىڭ 695 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئۆي ئىجارىسى تۆلەيدىكەن . بۇمۇ بايدىن ئەر-ئايال ئىككسىنىڭ كىرىمىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر