باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

يىپەك يولى بىلەن بۈيۈك قانال دۇنيا مىراسى بولدى

2014.06.25 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ئىيۇن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېچىلغان 38-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، يىپەك يولى بىلەن بۈيۈك قانال دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى. بوتسىۋانادىكى ئوكاۋانگا دېلتىسىنىڭ دۇنيا مىراسى بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تۈرى مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ 47 سى بار بولۇپ، ئومۇمىي سان جەھەتتە داۋاملىق دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇردى.

  بۈيۈك قانال-دەريا يولى ئۇزۇن، ۋادىسىنىڭ كۆلىمى كەڭ، ياسالغان يىل ۋاقتى ئۇزۇن، مىراس تۈرى مول، پايدىلىنىش ئىقتىدارى كۆپ خىل، ھازىرقى ساقلىنىش ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ساقلىنىپ قالغان بۈيۈك قانال بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1100 دىن ئاشىدۇ. ئاخىرىدا دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بۈيۈك قانالدىكى مىراسلار جۇڭگونىڭ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىككى شەھىرى، ئالتە ئۆلكىسى، 25 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھىرىگە تارقالغان. ئىلتىماس قىلىنغان يۈرۈشلۈك مىراسلارغا قانال بۆلىكىدىكى تىپىك دەريا قىنى ۋە مۇھىم مىراس نۇقتىلىرى ئايرىم-ئايرىم تاللانغان بولۇپ، قانالدىكى 27 بۆلەك مىراسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1011 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئالاقىدار مىراس بار جاي 58 گە يېتىدۇ.

  يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تەڭرىتېغى كارىدورى تورى-جۇڭگو تۇنجى قېتىم دۆلەت ھالقىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغان دۇنيا مىراسى تۈرى، بۇنى جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان، قازاقىستان بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان، پۈتكۈل تۈر ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكى 33 يادىكارلىققا چېتىلىدۇ، جۇڭگو تەۋەسىدە 22 ئارخېئولوگىيە خارابىسى، قەدىمىي ئىمارەت قاتارلىق ئىزلار بار، دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: يىپەك يولى-شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يۇغۇرۇلۇش، ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىش يولى، ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر