باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇغۇرتا كەسپىدىكى «ئۆيگە تايىنىپ كۈتۈنۈش» سىياسىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، ۋۇخەن شەھەرلىرىدە سىناق قىلىنىدۇ

2014.06.24 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 23-ئىيۇن، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ «جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇنى تەتۈر يۆنىلىشلىك رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرى»نى ئېلان قىلدى. سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى جىسمانىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈەن شۈچېڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈردى ھەمدە مەزكۇر سۇغۇرتىنىڭ 2014-يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2016-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەن شەھەرلىرىدە سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  «ئۆيگە تايىنىپ كۈتۈنۈش» سۇغۇرتىسى قانداق بولىدۇ؟

  «ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇنى تەتۈر يۆنىلىشلىك رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» ـ‐‐ـ ئۆينى رەنىگە قويۇش بىلەن ئۆمۈرلۈك يىللىق پۇل سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بولۇپ، ئۆينىڭ تولۇق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ياشانغانلار ئۆيىنى سۇغۇرتا شىركىتىگە رەنىگە قويىدۇ ھەمدە ئۆينى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، پايدا ئېلىش ۋە رەنە ئالغۇچى قوشۇلغان بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا داۋاملىق ئىگە بولىدۇ ھەمدە كېلىشكەن شەرتلەر بويىچە ئالەمدىن ئۆتكۈچە كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولىدۇ؛ رەنىگە قويغۇچى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركىتى رەنىگە قويغان ئۆينىڭ بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر