25-ئىيۇن مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئىككى مېترو بېكىتىدە پارتلاش يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم يارىلانغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بومبا چۇۋۇش گۇرۇپپىسى قاھىرەنىڭ باشقا مېترو بېكەتلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە باشقا يەنە ئىككى مېترو بېكىتىدە پارتلىتىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىككى بومبىنى بايقاپ چۇۋۇۋەتكەن . قاھىرەنىڭ مېترو سىستېمىسى 15 مىنۇت توختىتىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .