- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
2014.06.25 14:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ 2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى . بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، شىنجاڭدا 25–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00 دە تور بېكەت ، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ .
تور بېكەت ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى:
1. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى : http://www.xjzk.gov.cn/
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى : http://www.xjedu.gov.cn/
3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى : http://www.xinjiang.gov.cn/
4. تەڭرىتاغ تورى : http://www.ts.cn/
5.تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى : http://i.ts.cn/e/gk/
6. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قۇياش نۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لىنىيەسى: http://xjgk.xjedu.gov.cn/
6. شىنجاڭ رەقەملىك مەكتەپ تورى: http:// xj.cmccedu.net
7. شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ‹‹ تۇرمۇش بىلەن ›› تورى: http://www. wxcs.cn
8. شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى لىنىيەسى تورى: http://xjgk.xjedu.gov.cn
ئۈندىدار ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:
بۇ يىل شىنجاڭدا ئۈندىدار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ . كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلار ‹‹(xjzs140304)›› (شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش) ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ . ئۈندىداردا ئىزدەپ مەشغۇلات قىلىش تەرتىپى : ئۈندىداردىن ‹‹新疆招生›› (شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش) ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى باش بېتى ، ‹‹2014–يىللىق شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىكى قىزىق مەسىلىلەرگە چۈشەنچە ›› دىكى ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ›› ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك رەقىمىنى سىكاننېرلىسا بولىدۇ ؛ ‹‹باش بەت ›› كە قايتىپ ، ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ›› ئۈندىدار تورىغا كىرىپ ، ‹‹ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش ›› نى بېسىپ ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرسە بولىدۇ.
ئۈندىدار ئابۇنتلىرى يەنە ‹‹ شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تورى ›› ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرىپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ .
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا ، 26–ئىيۇندىن 29– ئىيۇنغىچە ، تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك ، ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ ، ‹‹2014– يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جاۋاب سېلىشتۇرۇش كارتىسى (ئىمتىھان قەغىزى) ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى ›› نى ئېلىپ ، بەلگىلىمە بويىچە جاۋاب سېلىشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر