شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ، كورىيەنىڭ سېئۇل شەھىرىدە كورىيە زۇڭلى نامزاتى ۋېن چاڭكې مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ ، نامزاتلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
يەر شارى تورى خەۋىرى : كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيە زۇڭلى نامزاتى ۋېن چاڭكې 24-ئىيۇن ئۆزىنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان . بۇ كورىيەدىكە باش سودىيە ئەن دىخۇي زۇڭلى نامزاتلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىنكى ، 2-قېتىملىق نامزاتلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىش ھېسابلىنىدۇ .
كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گىئونخاي 10-ئىيۇن ۋېن چاڭكېنى كورىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلى نامزاتىغا كۆرسەتكەنىدى ، ئەمما ۋېن چاڭكې ئارقىدىنلا نۇتۇق سۆزلەپ ‹‹ ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ كورىيەنى مۇستەملىكە قىلىشى ، چاۋشيەن-كورىيە بۆلۈنمىچىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارايمەن ›› دېگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، ۋېن چاڭكې ئىلگىرى كورىيە ‹‹ مەركەز گېزىتى ›› نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ قېنىق رەڭلىك ئىستون تەسىس قىلىپ ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان .