- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
2014.06.23 20:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقىرىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. «قارار»دا كەلگۈسى بىر مەزگىلدە زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان-ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «2020-يىلىغا بارغاندا، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئوتتۇرا ۋە ئالىي كەسپىي مائارىپ تۇتاشتۇرۇلغان، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ ئۆزئارا باغلانغان، ئۆمۈرلۈك مائارىپ ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنياۋى سەۋىيەگە يەتكەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ‐‐ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ زور ئىختىساسلىقلار پايدىسى يارىتىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
دۇڭ خۇڭلياڭ، جاۋ ئېنا خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر