باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى

شى جىنپىڭ مالايشىيا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فەندىكار بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.25 11:54   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ مالايشىيا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فەندىكار بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئىيۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا مالايشىيا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فەندىكار بىلەن كۆرۈشتى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالايشىيا بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، جۇڭگو-مالايشىيا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم يۆنىلىش دەپ قارايدۇ . ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، چوققا قاتلام لايىھەسىنى ئوبدان ئىشلەپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئوبدان پىلانلاپ ، جۇڭگو بىلەن مالايشىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوشنىدارچىلىق ، دوستانە مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ، مەن يېقىن ، سەمىمىي ، مېھرىبان ، كەڭ قورساق بولۇشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، ئورتاق ، ئۇنىۋېرىسال ، ھەمكارلىشىدىغان ، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن ، تېخىمۇ يېقىندىن قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ، 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن . بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇكى ، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق بىللە تۇرۇشنى ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ . كېلەر يىلى مالايشىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدۇ ، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئاكتىپ قوللايدۇ ، مالايشىيا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ، جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : بۇ يىل 3-ئايدا ، مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH370 تىپلىق يولوچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى ، بۇ تولىمۇ بەختسىز ۋەقە بولدى .مەن مالايشىيا تەرەپنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ماسلىشىپ ، دائىملىق ئىزدەش ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ تېزرەك دېرىكىنى قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76- ۋە 38- باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدۇ
      ·گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·ئاپتونوم رايون قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى باشلىدى
      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى
      ·دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…