باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.25 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئىيۇن خەلق سارىيىدا يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئۇلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا مەن قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغىنىمدا مەكتىپىڭلاردىكى 200 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدىم. بۈگۈن مەن سىلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو 5000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەرەققىيات داۋامىدا ھەممىگە تەڭ قارىدى، ھەم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ھەم مول رەڭگارەڭ تۈسكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دوست قوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تەبىئىيلا يېقىنلىشىش ھېسسىياتى بار. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى مىللەتنى يېقىنلاشتۇردى.مېنىڭ زوڭتۇڭ نەزەر بايىف بىلەن بولغان دوستلۇقىم قويۇق. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە زىچ ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتىمىز. دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقە ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئىناقلاشتۇرماقتا. خەلقنىڭ ئېناق ئۆتۈشىدىكى ئاچقۇچ ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقىدە. سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگونى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ، ياخشى ئەسلىمە قالدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولىشىڭلارغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر