باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيەنىڭ خادىملىرىغا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا كىرىش ھوقۇقى بېرىلدى

2014.08.15 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيە زۇڭلى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى 12-ئاۋغۇست مالايسىيە بىلەن بولغان بىر ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنى تەستىقلاپ، ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدەش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2166-نومۇرلۇق قارارىدا تەلەپ قىلىنغان تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مالايسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلاردىن خالىي 90 خادىمىنىڭ گوللاندىيە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئەترەتكە قوشۇلىشىغا ئىجازەت قىلدى.


  مالايسىيە زۇڭلىسى ناجىپ تۈنۈگۈن، مالايسىيەنىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىشكە ھوقۇق بېرىلگەن بۇ كېلىشىمنى قارشى ئالىمەن دېدى. ئۇ ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توخىتىشىنى، خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا بىخەتەر، ئەركىن كىشىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر