باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ قورغاس شەھىرى تەسىس قىلىشىنى تەستىقلىدى

2014.08.15 08:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بۇ يىل 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك قورغاس شەھىرى تەسىس قىلىشىنى تەستىقلىدى. ھازىر قورغاس شەھىرىنىڭ چېگرىسىنى بېكىتىش، ئاپپارات تەسىس قىلىش، پىلان تۈزۈش، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇللۇق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، 9-ئايدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ. قورغاس شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايون كۆلىمى تەخمىنەن 1900 كىۋادرات مېتىر، ئاساسلىقى قورغاس ناھىيەسىنىڭ يىچىگاشەن يېزىسى ۋە موخور چارۋىچىلىق مەيدانى، شىنجاڭ بىڭتۇەن 4-دىۋىزىيەسىنىڭ 61- ۋە 62-پولكى، قورغاس چېگرا ئېغىزىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 85 مىڭ، كېلەر يىلى نوپۇسى 100 مىڭغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر