باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ-بىر يول» ئارقىلىق «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى» يارىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.08.11 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن يىپەك يولى بويلىرىدا ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى، ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە ئالاقىدار تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە دۇنيانىڭ سىياسىي-ئىقتىساد سەھنىسىدە تەمكىن ھالدا نامايان بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 9-ئاي ۋە 10-ئايدا «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى ئالاقىدار دۆلەتلەر ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان «مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى» ۋە ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىدىغان «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ھاسىل بولغان، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان بۇ ئۇلۇغۋار ئىدىيە قەدىمكى دەۋر بىلەن بۈگۈننى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنى باغلاپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىپ، يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىش ئارزۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى ۋە قەدىمىي يىپەك يولىغا يېپيېڭى دەۋر مەنىسىنى يۈكلىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر