باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ سېررالىيۇنغا بەرگەن ماددىي ئەشيا ياردىمى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ۋە ۋاقتىدا بولدى

2014.08.15 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سېررالىيۇندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى موفىندا تۈنۈگۈن، جۇڭگونىڭ سېررالىيۇننىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشقا بەرگەن ماددىي ئەشيا ياردىمى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ۋە ۋاقتىدا بولدى، دەپ تەرىپلىدى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ماددىي ئەشيالىرى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىپ، سېرلالىيۇننىڭ ئېبولا يۇقۇمى ئۈستىدىن تېخىمۇ تېز غەلىبە قىلىشىغا پايدىلىق، دەپ ھېسابلىدى.


  جۇڭگونىڭ سېرراليۇنغا ياردەم بېرىش ئاممىۋىي ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى 3 كىشى 12-ئاۋغۇست كەچتە سېررالىيۇننىڭ پايتەختى فىرىتونغا يېتىپ باردى. موفىندا بۇ مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى سېررالىيۇننى تەمىنلىگەن ئېبولا يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ماددىي ئەشيالىرى فىرىتون خەلقئارا ئايرىدىرومىغا ئېلىپ كېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر