باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالىك:مەن زۇڭلىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەرمەيمەن

2014.08.15 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى مالىك تۈنۈگۈن، فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى يېڭى زۇڭلى تەيىنلەش مەسىلىسىدە ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن، مەن زۇڭلىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەرمەيمەن، دېدى.


  مالىك ھەر ھەپتىدىكى قەرەللىك تېلېۋىزور سۆزىدە، مەن رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەت داۋاملىق خىزمەت قىلىدۇ، فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن ئىستېپا بەرمەيدۇ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ دۆلەت قانۇنىدىكى تەرتىپلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. ئۇ زۇڭتۇڭ مەسۈمنىڭ ئابادىنى يېڭى زۇڭلىلىققا تەيىنلىشى ھەمدە ئۇنى كابىنېت تەشكىللەشكە بۇيرۇشىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.


  مالىك يەنە، مەن ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىغا بۇ سىياسىي كىرىزىسقا قول تىقماي دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر