باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭ بىر تۈركۈم ياشانغانلار پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرىدۇ

2014.08.14 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل شىنجاڭ 230 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزىي، ياشانغانلارنى كۈتۈش مەركىزى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ياشانغانلار پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت يوچۇقىنى تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە ئۆزىنىڭ مالىيە كۈچىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باغچىسىنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى بولىدىغان تورنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەت مەبلىغىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش،باجدا ئېتىبار بېرىش، يەر بىلەن تەمىنلەش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر