11–ئاۋغۇست خەۋەر قىلىنىشىچە ، 11–نومۇرلۇق كۈچلۈك قۇيۇن ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلغان ، بۇنىڭ تەسىرىدە خوككايدودا قارا يامغۇر ياغقان . ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، قۇيۇندا 9 ئادەم قازا قىلغان ، 2 ئادەمنىڭ ئىز–دېرىكى بولمىغان . ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى كىشىلەرنى داۋاملىق سەگەك بولۇپ ، كەلكۈن ۋە لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىشىدىن ئاگاھ بولۇشنى ئەسكەرتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 10–ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن 10:00 ئەتراپىدا ، سائەتلىك سۈرئىتى 162 كىلومېتىر بولغان قۇيۇن غەربىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىن ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ، ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان خونسيو ئارىلىغا چىققان . خونسيو ئارىلىدىكى ئاساسلىق 3 ناھىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن .
ياپونىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا چوڭ كۆلەمدىكى شاللىق ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىنى كەلكۈن بېسىۋالغان ، دەرەخلەر ۋە ئىستولبىلارمۇ شامالدا قىيسىيىپ قېلىپ ، 86 ئادەم يارىلانغان . يەرلىك 1 مىليون 600 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان .
مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 11–ئاۋغۇست كېچە سائەت 6:00 گىچە خوككايدودىكى يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىرغا ، شەرقىي شىمالدىكى رايونلاردا يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىرغا يەتكەن .
تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى قۇيۇن ‹‹راككون ›› ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ، نەچچە ئادەم قازا قىلغان ، شۇنداقلا يەرلىككە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن.