باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇللانغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار سېتىش بىلەن باغلىۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس

2014.08.01 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇللاش خىزمىتى ئاياغلىشىپ قالدى، لېكىن قىسمەن ئورگان ۋە بەزى تاراتقۇلار تاۋار سېتىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغ توپلاپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار يېڭى سىتۇدېنتلارغا ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى كۆپتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار سېتىش بىلەن باغلاپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 31-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە بارلىق يېڭى سىتۇدېنتلارغا نوپۇزلۇق ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ياردەم سىياسەتلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشىنى ئەسكەرتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا سودا ئاپپاراتلىرى، تاراتقۇلار ھەمدە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەمەلىيەتكە، شەخسىي سىرغا، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يېڭى سىتۇدېنتلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئوقۇشقا كىرىشىگە سەمىمىي ياردەم بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىدىغان ساغلام، ئىناق كەيپىيات يارىتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر