باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى:جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكىتى ئۆلچىمىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك

2014.08.12 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 10-ئاۋغۇست بېرمانىڭ پايتەختى نايپىتاۋدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايونى مۇنبىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز جىددىي ۋەزىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىغا نەق مەيداندا ئىنكاس قايتۇردى.


  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىدىمۇ ھېچ قانداق مەسىلە يوق. ھازىرغىچە ھەر قانداق بىر پاراخوتنىڭ قاتناش ئەركىنلىكىگە تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلىمىدۇق، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلاۋاتىدۇ. بىز جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈشنى قوبۇل قىلمايمىز.


  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش ئىقتىدارى ۋە ئەقىل پاراسىتى تامامەن بار. بۇ قېتىمقى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكىتى خىتابنامىسىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە كېڭىشىش ئاساسىدا جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكىتى ئۆلچىمىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر