ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى›› خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئۈچ قوشكېزەك قىزى بولۇپ ، ئۇلار بۇ ئۈچ قىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، قىزلىرىنىڭ پۇت باش بارمىقىغا ئوخشىمىغان رەڭلەردىكى تىرناق لاكى سۈرۈپ قويغان . بۇ ھەقتە ئۇلار: ‹‹بۇ باشقا مەقسەتتە ئەمەس ، بەلكى ئامالسىزلىقتىن بولغان ئىش، بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئۈچكېزەك قىزلىرىمىزنى پەرقلەندۈرىۋالساقلا، تۇرمۇشتىكى باشقا ئىشلار ئاسان ›› دېگەن .