ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوۋ بۈركۈتى كۇلۇبىنىڭ باياناتچىسى بۇ كۇلۇبنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئەبۇزابى خەلقئارا ئوۋچىلىق ۋە چەۋەندازلىق كۆرگەزمىسى» دە دۇنيا بويىچە «ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ چوڭ ئوۋ بۈركۈتى» نى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر ۋە ئوۋ بۈركۈتى بارلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇسابىقىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۈركۈت كۆندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مۇكاپاتلارنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كۆرگەزمە جەريانىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئوۋ بۈركۈتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن باھالاش كومىتېتىدىكىلەر بۈركۈتنىڭ ئېغىرلىقى، بۈركۈتنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ۋە پەيلىرىنىڭ رەڭگى، ساغلاملىقى قاتارلىق تەرەپلەر بويىچە قاتتىق شەرت ئاساسىدا نومۇر قويۇش ئارقىلىق «ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ چوڭ» بۈركۈت تاللاپ چىقىلىدۇ.
ئەسلىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيا بويىچە «ئەڭ گۈزەل، ئەڭ چوڭ» قولدا بېقىلغان ئىتالغا تاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى دېڭىز قولتۇقى رايونلىرىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ ئىتالغا بېقىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ياۋا بۈركۈتلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىققا، نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىشقا چاقىرىق قىلىش بولۇپ، بۇ پائالىيەت دۇنيادىكى نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ ۋە خەلقئارالىق مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۈركۈت كۆندۈرۈش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «شەيخ جەمەتىنىڭ تەنھەرىكىتى» دېيىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا بىر خىل ئەنئەنىۋى پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈركۈت كۆندۈرۈش ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، ماراكەش، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قۇملۇقلارغا ۋە يايلاقلارغا بېرىپ بالىلىرىغا قۇشلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ۋە بۈركۈت ئارقىلىق ئوۋ قىلىشنى ئۆگىتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل مەدەنىيەتكە ئايلانغان. بۈركۈت كۆندۈرۈش ھازىر دۇنيادىكى 80 نەچچە دۆلەت رايوندا ئومۇملاشقان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە باشقا دۆلەت رايونلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق 2010-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۈركۈت كۆندۈرۈش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئەرەب رايونىدا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈركۈت كۆندۈرۈش قانداقتۇر پەقەت ئوۋچىلىق ئۈچۈنلا بولماستىن بەلكى ئۇ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىجتىمائىي قىممەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى ، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق رەڭدار مەدەنىيەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ھەربىر دۆلەت ۋە شەخسىنىڭ پەخرىگە ئايلانغان بولۇپ بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئەبۇزابى خەلقئارا ئوۋچىلىق ۋە چەۋەندازلىق كۆرگەزمىسى» دە دۇنيا بويىچە «ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ چوڭ ئوۋ بۈركۈتى» تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا يەنە بۈركۈتلەرنى قويۇپ بېرىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ قۇشلارنى كۆپىيىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.