10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلاندى، دەسلەپكى نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭلى ئەردوغاننى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان. سۈرەتتە ئەردوغان قوللىغۇچىلىرىغا قول ئىشارىتى قىلماقتا.
تۈركىيە پارلامېنتى زۇڭتۇڭ سايلاش تۈزۈمىنى ئومۇمىي خەلق بىۋاستە سايلاشقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەسلىدىكى يەتتە يىلدىن بەش يىلغان قىسقارتىلغان، بىراق بىرلا نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولالايدۇ. ئەردوغان سايلام داۋامىدا كۆپ قېتىم ئۆزى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپلا قالسا، زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ قائىدە-يوسۇن خاراكتېرىدىكى زۇڭتۇڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىمۇ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.