باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى(1)

مۇراسىمدا جاڭ چۈنشيەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، نۇر بەكرى سۆز قىلدى

2014.08.08 22:17   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  قاراماي خەۋىرى/ مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى، قەيسەر ساۋۇت: كۆپكۆك ئاسماندا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان، ئىناقلىق كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان، نېفت شەھىرى قارامايدا 8 – ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق باشلاندى.

  باشلىنىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىبى ئالىمجان مەمتىمىن قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  مۇراسىمدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن داغدۇغۇلىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تەبرىك سۆز قىلدى.

  مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مۇراسىمدا نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەملىكەت بويىچە «ئومۇمىي خەلق چېنىقىش كۈنى» نى تەبرىكلەۋاتقان مۇھىم پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىۋاتىمىز. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تېلەكداشلىق بىلدۇرىمەن! تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۆرۈشكە كەلگەن رەھبەرلەر، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! بۇ تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا سىلەر ئارقىلىق پۈتكۈل شەھەردىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار، رېپېرلار شۇنداقلا خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 7-(ئومۇمىي) كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى كاتتا تەنھەرىكەت يىغىنىدۇر. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەت ئىزباسارلىرىنى تاللايدىغان كاتتا يىغىن بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «دۆلەتنى شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق بولۇپ ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپالىق ئىشلەپ ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش» تەك روھى ھالىتىنى نامايەن قىلىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھېسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپىدۇر. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇۋاپپىقەتلىك ئۆتكۈزۈلىشى شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىرىشىپ ئىتتىپاق ئىناق، گۈللەنگەن، مەدەنىي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ھەممە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، پۇختا ئاساس تىكلەيدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار، رېپېرلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئولمپىك روھى ۋە جۇڭخۇا تەنتەربىيەسى روھىنى، ياخشى بولغان تەنتەربىيە ئەخلاقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «قىلالايمەن» دىگەن ئىدىيە، «يېڭەلەيمەن» دىگەن پوزۇتسىيە، «يېڭىمەن» دىگەن روھى ھالەتنى تۇرغۇزۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئالاھىدىلىكى ۋە سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىپ، نەتىجە ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇنەۋۋەر نەتىجىلەر ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھى ھالىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى سەھىپە يارىتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

  مۇراسىمدا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىدا مول سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…