باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەننەرخنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرمەكتە

2014.08.12 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2007-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇش ھەققىنى بەش يىل ئىچىدە ئۆستۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانىدى. بەش يىللىق مۆھلەت توشۇشى بىلەن فۇجيەن، جېجياڭ، گۈيجۇ قاتارلىق ئوندىن كۆپرەك ئۆلكە ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارقا ئارقىدىن ئوقۇش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى. بەزىلەر بۇنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئۆستۈرۈش بولىدۇ، دېدى.بۇ يىلنىڭ باشلىرى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئۆزىگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى يېڭى ئۆلچىمىنى بېكىتتى. يېڭى ئۆلچەمدە ئوقۇش ھەققىنىڭ ئۆسۈشى %50 دىن ئاشتى. بۇ ئاپتونوم رايوندىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇش ھەققى 2000-يىلىدىن بۇيان تەڭشەلمەي كەلدى؛ مائارىپ تەربىيىلەش تەننەرخى داۋاملىق ئۆستى. مالىيە ھەر يىلى ھەقنى %22 ئۆستۈرسىمۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىز ئۆسۈپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.


  ئىگىلىنىشىچە،ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قەرزى بار ئىكەن؛ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىش ھەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشتا كۆپلىگەن مەبلەغگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.


  ئىگىلىنىشىچە،دۆلەت مۇكاپاتلاش، قەرز پۇل بېرىش، ياردەم بېرىش، ئىقتىسادچىل بولۇش،تولۇقلىما بېرىشتىن ئىبارەت مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسەت تەدبىرىنى چىقارغان. بۇ يىل دۆلەت ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 6000 يۈەندىن 8000 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارغان؛ئالايلۇق:نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئوقۇش ھەققى كىرىمىنىڭ %15 نى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئىگە بولۇش ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ھەمدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئىشلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر