باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلىدى

2014.08.12 14:47   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلىدى

  جاڭ چۈنشيەن: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا 7 – تۈركۈمدە ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۇقىرى پەللىدە تۇرۇش، يىراقنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك مۇخبىرىمىز فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 11 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا 7 – تۈركۈمدە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن 50 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 376 مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق كادىرنى تەقدىرلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىسلىسىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كەسىپلەر ياكى سىستېما بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى 266 قېتىم ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر مۇھىم سىياسەتتىن 174نى بېكىتتى، شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1586نى يولغا قويدى ھەم 50 نەچچە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. مەركەز مالىيەسىنىڭ يۆتكىمە چىقىمى يىلىغا %18.9 ئاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنىڭ سانى ئالدىدىكى ئالتە تۈركۈمدە ئەۋەتىلگەن كادىرلار سانىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كەلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا 7 – تۈركۈمدە ياردەم بېرىش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە ھەقىقىي قان – تەر ئاققۇزغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىدىن رازى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما رازى. سىلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقىڭلار، ئاققۇزغان قان – تەرىڭلارنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى ھەم تەرەققىياتلار قولغا كەلدى. بۇ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەن مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. قولغا كەلگەن نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تەجرىبىلەر قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتە ئەھمىيىتى زور بولۇپ، جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ جەزمەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ بىلىش؛ شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم يول دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇش؛ شىنجاڭدىكى ئىختىساسلىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم تايانچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ جەزمەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار جەزمەن ئىدىيە ۋە تونۇشىنى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپلىكى ۋە جاپالىقلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى، سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تارىخىي بۇرچ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەللىدە تۇرۇشى، يىراقنى كۆزلىشى، ئەمەلىي ئىشلىشى، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، ساھەنى كېڭەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكە تۈزۈپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ھەر خىل زىددىيەت ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى توغرا تېپىش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى، ماھىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى قوللاشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش، قاتناش تۈگۈنى، سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت ۋە پەن – تېخنىكا، داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش زور تۈرلىرىنى يۇقىرى پەللىدە پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، شىنجاڭدىكى ئىشلارنى ياخشى سۆزلەش، شىنجاڭ ئوبرازىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىدىيە – ئالاقە، مەدەنىيەت ئالاقىسى، ھېسسىيات ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شىنجاڭ خەلقى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلقنىڭ ئىدىيەسىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا رىشتە باغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى بىلىدىغان، شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئۇدۇللىشىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىياسىي مۇھىتىنى تېز ياخشىلىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق كادىرلار، ياردەمگە ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، لى شۆجۈن، شۈ ۋېيخۇالار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇللانغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار …