باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىجارە بېرىشكە خېرىدار چاقىرىش باشلاندى، نەچچە ئون كارخانا تىزىملىككە كىردى

ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش ھۆكۇمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2014.08.13 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۇمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنىڭ لىنىيە خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىشىدىن ئۈمىد بار. ئۇنداقتا، ئادەتتىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشلىتىش بىكار قىلىنغاندىن كىيىن، مەركەز تارماقلىرىنىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئېھتىياجى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

  بۇ يىل تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار بېكىتىلدى، بۇلارنىڭ كېلەر يىلى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىدىن ئۈمىد بار

  بۇ يىل 6-ئايدا، مەركەز-دۆلەت ئورگانلىرى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش مەركىزى دۆلەت ئىچىدىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي-كەسپىي ئورۇنلارنى ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش ۋە كۆتۈرەگە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنى بېكىتتى. خېرىدار چاقىرىش مەزمۇنى بېيجىڭ ئىچى دائىرىسىدە مۇلازىمىتى، بېيجىڭ سىرتى دائىرىسدە ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى ۋە بېيجىڭ ئىچى دائىرىسىدە ماشىنا كۆتۈرۈگە بېرىش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتە، بۇ تۈرنىڭ خېرىدارلىق نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ ئىچى دائىرىسدە ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار شوۋچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئىجارە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 33 كارخانىنى؛ بېيجىڭ سىرتى دائىرىسىدە ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى 9 كارخانىنى؛ بېيجىڭ ئىچى دائىرىسدە ئاپتوموبىل كۆتۈرە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى 9 كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر