باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تەڭشىدى

2014.08.13 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن «بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارار»نى تارقىتىپ، يەنە 45 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئېتىراپىغا ئالاقىدار 11 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سودا-سانائەت بويىچە ئالدىن تەسىقلايدىغان 31 تۈرنى كېيىن تەستىقلاشقا ئۆزگەرتتى.

  بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن 45 مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئىچىدە، تەخمىنەن 30 تۈر مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، 10 تۈر ئىجتىمائىي تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرىگە چېتىلىدۇ، 5 تۈر كارخانا سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئېتىراپىغا ئالاقىدار 11 تۈر ئاساسەن خەلقئارا سودا، سۈپەت، باج، مۈلۈك باھالاش، يەر تىزىملاش، كانچىلىق ھوقۇقىنى باھالاش، داڭلىق ماركا باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن كەسپىي ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گوۋۇيۈەن يەنە جايلار بېكىتكەن تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر