7-ئاۋغۇست ، ‹‹ ماتاڭ شاھى ›› ئادىل يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتوڭ شەھىرىنىڭ لۇديەن ناھىيەسىگە كېلىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئۆز قولى بىلەن تەملىك ، قۇۋۋەتلىك ماتاڭ تارقىتىپ بەردى
500مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بەش توننا ماتاڭنى ئېلىپ يولغا چىققان ‹‹ ماتاڭ شاھى ›› ئادىل مەمەتتۇراق 40 نەچچە سائەتتە 1200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ ، خۇنەن ، گۇيجۇ ، يۈننەنلەردىن ئۆتۈپ ، 7-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن لۇديەن ناھىيەسىدىكى ئاپەت ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان لوڭتۇشەن بازىرىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۆزلىرى ياسىغان تەملىك ، قۇۋۋەتلىك ماتاڭلارنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تارقىتىپ بەردى . ماتاڭ قۇرۇق ئاشلىق بولۇپ ، ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى ، ئىستېمال قىلىشقا قولايلىقلىقى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ يېيىشىگە باب كېلىدۇ .