باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر:مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تارمىقى ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى تارقىتىۋېتىلدى

2014.08.12 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيىدە چىقىدىغان دۇنيا گېزىتىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىرنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 9-ئاۋغۇست مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تارمىقى ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. مىسىرنىڭ ئالىي مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى بۇ پارتىيە پارتىيە قۇرۇش شەرتىدىكى قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىدى. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كېسىم ئاخىرقى ھۆكۈم بولۇپ يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولمايدىكەن. بۇ قارار جاكارلانغاندىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى سايلامغا رەسمىي قاتنىشالمايدىكەن.


  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارالدى ھەمدە 2013-يىلى 9-ئايدا مىسىرنىڭ ئەدلىيە تارمىقى مەنئى قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر