باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئون مىڭ ئامما بىر نىيەتكە كېلىپ زوراۋانلارنى تۇتتى

2014.08.12 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۈچتۇرپان، ئونسۇ ناھىيەلىرىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئۆزلۈكىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىمغا ياردەملىشىپ، زوراۋان تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ ئەزالىرىنى قوغلاپ تۇتۇپ، ئاخىرىدا بۇ شايكىنىڭ 15 ئەزاسىنى قولغا چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن دېلو ئاساسەن پاش قىلىندى.


  ئاۋغۇستنىڭ بىر كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسىدىكى 400 نەچچە ئادەم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يىغىلدى، ئۇلار جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىمغا ياردەملىشىپ، بىر توپ زوراۋان تېررورچىنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئاتلاندى، بۇ زوراۋان تېررورچىلار ئىلگىرى نەچچە قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى سادىر قىلغان ھەم نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەبچى بولغان.


  شۇ كۈندىكى تېمپېراتۇرا 40 گىرادۇستىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن قوغلاپ تۇتۇشقا قاتناشقان ئاممىدىن بىرسىمۇ كەينىگە يانمىدى. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قارىشىچە، زوراۋان تېررورچىلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا قاتنىشىش-ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەن.


  دەل مۇشۇنداق ئاممىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشقا قاتنىشىشى ئارقىسىدا، نۇرغۇن زوراۋان قانۇن تورىغا چۈشتى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئونسۇ ناھىيەسىگە قېچىپ بارغان ئىككى زوراۋان شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشقا ياردەملىشىشى ئارقىسىدا قولغا ئېلىندى.


  ساقچىلار كەنت ئاھالىلىرى كونترول قىلغان بۇ ئىككى ئادەمنىڭ دەل زوراۋان تېررورلۇق شايكىسىنىڭ قېچىپ يۈرگەن ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.


  ئەزىز جۇماق قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر مەن ھەر كۈنى ۋەھىمە ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ياشاۋاتىمەن، ئەسلىدە مەن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىدىم، 6-ئاينىڭ بېشىغا كەلگەندە، مەن بىر قىسىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋىدىيولىرىنى كۆردۈم، بۇنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ئارقىسىدا، 5-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە، مەن شېرىكلىرىم بىلەن بىرلىكتە نەچچە قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن گۇناھسىز ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇق، ئارقىدىن ھالاكەت يولىغا مېڭىپ قالدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر