- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مالىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى
2014.08.12 09:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مالىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، چەتئەللىك ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى تىزگىنلەش، بۇ تەشكىلاتقا ياردەم بەرگۈچىلەرنى جازالاش قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى.
لايىھەدە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ مۈلۈكى توڭلىتىلىدۇ ۋە ساياھەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. لايىھەدە يەنە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىپ، چەتئەل تېررورچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇ تەشكىلات ۋە غەلبە فرونتى ھەمدە باشقا بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار بولغان تەشكىلاتلەرغا كىرىشنى توسۇشى مۇراجەت قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر