ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 8- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، فوتوگراف جودى يېقىندا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن تاساددىپى دېڭىز شەيتىنى تېترائودون بېلىقى ( ئايبېلىق ) نىڭ سۇ يۈزىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان سۈرىتىنى تارتىۋالغان . دېڭىز شەيتىنى يەنە دېڭىز- ئوكيان بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر، قاتتىق سۆڭەكلىك بېلىق تۈرىگە تەۋە، ئۇنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى مېدۇزا ئىكەن. ئادەتتە بۇ خىل بېلىقىنىڭ بەدىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، بەدىنىنىڭ ئېگىزلىكى 4.2 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 3.1 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 4400 قاداق ( 2000 كىلوگىرام ) دىن ئاشىدىكەن . دېڭىز شەيتىنى ئادەتتە چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.