جىلىننىڭ غەربىدىكى موموگېغا جايلاشقان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ، ئاز ئۇچرايدىغان ئاق تۇرنىنىڭ ئۆتىڭى . مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە ، 2006-يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار ئورۇنلار نەملىكنى ئاشۇرۇش ، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، سۇلۇ يەر مەنبەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتكەچكە، نۆۋەتتە ، موموگې سۇلۇ يېرىدىكى قۇشلار تۈر توپى 100 خىلغا يېتىپ، بۇ يەر قۇشلارنىڭ جەننىتىگە ئايلانغان .