باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ مۇخبىرلارنىڭ دۇنياغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى جۇڭگو ئاۋازىنى يەتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى

2014.08.07 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ 5-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يۈننەننىڭ لۇديەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلاردىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئالدىدا، تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ تەسىرلىك ھالدا مۇنداق دېدى: بىز ئاپەتتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز يەنە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەر، بولۇپمۇ شۇ جايدىكى كادىرلار، ئارمىيەنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتتۇق. ھازىر كۆپچىلىك بىرلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇماقتا.


  لى كېچياڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، بىخەتەر ئىچىدىغان سۈيى، بىخەتەر تۇرىدىغان چېدىرىنى ياخشى ھەل قىلىش، ئېغىر يۇقۇمدىن ساقلىنىش كېرەك. بىز بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىمىز، يارىدارلارنى ياخشى داۋالايمىز. لى كېچياڭ يەنە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى ئارقىلىق، دۇنياغا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى جۇڭگو ئاۋازى يەتكۈزۈلدى. سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار ئارقىلىق، تاشقى دۇنياغا يەرلىكتىكى خەلقنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى، ئىشەنچىسى، كۈچىنىڭ بارلىقى يەتكۈزۈلدى شۇنداقلا دۇنياغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرت-ماكاننى قايتا قۇرۇشقا ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈنلەيدىغان يېتىدىغانلىقى نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر