خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 10-ئاۋغۇست سائەت 17 گە قەدەر، يۈننەن ئۆلكىسى لۇديەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغان 478 مىليون 637 مىڭ 900 يۈەن پۇل ۋە 140 مىليون 210 مىڭ 600 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇمنى تاپشۇرۇۋالغان.
ئىنانە قىلىنغان پۇلنىڭ 149 مىليون 532 مىڭ يۈەننى يۈننەن ئۆلكىلىك ئىنانە قوبۇللاش ئىشخانىسى، 161 مىليون يۈەننى ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ دۆلەت غەزىنىسى باشقارمىسى، 79 مىليون 145 مىڭ يۈەننى ئۆلكىلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، 9 مىليون 851 مىڭ 900 يۈەننى ئۆلكىلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى، 6 مىليون 12 مىڭ يۈەننى ئۆلكىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، 72 مىليون 827 مىڭ 500 يۈەننى جاۋتۇڭ شەھىرى تاپشۇرۇۋالغان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى