باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا قانۇن رامكىسى بېكىتىپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئاۋىستىرالىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كېڭەيتىدۇ

2014.08.13 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋىستىرالىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن قويۇق ھەمكارلىقى بار. بۇلتۇر 30-ئىيۇل تارتىلغان بۇ سۈرەتتە، ئاۋىستىرالىيەنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مارجان دېڭىزى تەۋەلىكىگە جايلاشقان روكھامپتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قوغدىنىش قىلىچى 2013» ناملىق ئامېرىكا-ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمە مانېۋىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  ئاۋىستىرالىيە-ئامېرىكا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىللىق يىغىنى 12-ئاۋغۇست سىيدنېيدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاۋىستىرالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشوپ يىغىندىن كېيىنكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاۋىستىرالىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەھلىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنامە ئامېرىكىنىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن سىياسەت ۋە قانۇنىي رامكىسى بېكىتىپ بەرگەن.

  ئامېرىكا ئاۋىستىرالىيەنىڭ دارۋىن رايونىغا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2500 نەپەر قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

  ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىللىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا بىشوپتىن باشقا، يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى كېررىي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل ۋە ئاۋىستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جونستون قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى. ئامېرىكا-ئاۋىستىرالىيە ئىككى تەرەپ رايون بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىقلار توغرىسىدا كەڭ مۇنازىرىدە بولدى.

  ئاۋىستىرالىيە زۇڭلىسى ئاببوت بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تۈزۈشكەن ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىگە ئاساسەن، 2017-يىلىغىچە ئامېرىكا ئاۋىستىرالىيەنىڭ دارۋىن رايونىغا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2500 نەپەر قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كەلگۈسى 25 يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى ھەربىي مەبلىغىنى كېڭەيتىدۇ. جونستوننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ رايوندا تەخمىنەن 1200 ئامېرىكا ئەسكىرى تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى قەرەللىك ئالمىشىپ تۇرىدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر