خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەن ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بىرى ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك تېرىشتا يېڭىچە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زىچ چۆرىدەپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەڭشەپ، بۇغداي، ئېڭىزغا تېرىلىدىغان قوناق، بېدە قاتارلىق ئېسىل ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەكلەرنى تېرىشتا ئۇرۇقنى ھەقسىز تارقىتىش، تۇلۇقلىما ياردىمى قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەر ئارقىلىق يەم-خەشەك تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيە بويىچە ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك تېرىش كۆلىمى 230 مىڭ موغا يەتتى؛ شورلۇق يەرگە سىلوسلىنىدىغان قوناق، بېدە، سۇدان ئوتى، «پالۋان» ماركىلىق تاتلىق ئاق قوناق قاتارلىق ئېسىل ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەكنى سىناپ تېرىپ دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى ؛ توقسۇن يەر ياڭىقى، يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سېرىق پۇرچىقى، چىڭخەينىڭ كانامېشى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئورمان بىلەن ئوت-چۆپنى كىرىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى؛ سالۋادۆڭدە 1-قەرەلدە 8900 مو يەرنىڭ ھەممىسىگە ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك تېرىدى؛ دېھقان-چارۋىچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ھازىرغا قەدەر 36 مىڭ 100 توننا قومۇش ئورۇۋېلىنىپ ئېچىتىلغان يېشىل ئوت-چۆپ ياساپ چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئوت-چۆپ كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.
سۈرەتتە:تاتراڭ يېزىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار قۇمۇش ئورماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى