شۋېتسارىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ، بىر پويىز بىلەن بىر ئاپتوموبىل شۋېتسارىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۆۋەنكى ۋاردېن ئىشتاتىنىڭ ۋولفېنشيېسسېندا ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ، بەش ئادەم يارىلانغان . پويىزدىكى يولۇچىلاردا يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش كۆرۈلمىگەن . ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان .