- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇلدى
2014.08.12 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ قېتىملىق نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-چېسلا بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى. ئۆمەك 123 تەنھەرىكەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 179 كىشىدىن تەركىب تاپتى.دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ تيەن ئۆمەك باشلىقى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تەنتەربىيە نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر