باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسى «چىلانچىلىق بىلەن خەلقنى بېيىتىش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

2014.08.12 14:22   مەنبە: خەلق تورى

چەرچەن ناھىيەسى «چىلانچىلىق بىلەن خەلقنى بېيىتىش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەن ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «چىلانچىلىق بىلەن خەلقنى بېيىتىش» ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، «2014-يىلى چىلانچىلىقنىڭ سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، تېز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرىلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىر» نى تۈزۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ چىلانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پەرۋىش قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، چىلان پەرۋىشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ئاساس سالدى. يىل بېشىدا يېزا-بازارلار، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تارماقلارنى چاقىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ چىلان پەرۋىشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، چىلان پەرۋىشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ناھىيە مالىيەسىدىن 10 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، چىلانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى، ناھىيە بويىچە بۇ يىل يېڭىدىن 21 مىڭ مو چىلان تىكىلدى، ئۇلانغان ئەلا سورتلۇق چىلان كۆلىمى 10 مىڭ مو بولۇپ، چىلانلىق ئومۇمىي كۆلىمى 170 مىڭ مودىن ئېشىپ، چىلان تېرىش كۆلىمى ۋە ئومۇمى كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ناھىيە بويىچە باغۋەنچىلىك تۈرىدىن 4 ى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 2 مىليون 886 مىڭ يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  سۈرەتتە: ئوييايلاق بازىرىدىكى ئابدۇللا توختىنىڭ قوناق بىلەن كىرىشتۈرۈپ بەرپا قىلغان چىلانلىرى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇللانغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار …