باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغا تېلېفون بېرىپ ئادەم قۇتقۇزۇشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

2014.08.08 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 3-ئاۋغۇست لۇديەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئىزچىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 6-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە 72 سائەت بولغان پەيتتە، 5-چېسلا ئاپەت رايونىدىن ئايرىلغان زۇڭلى لى كېچياڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چىن گۇاڭرۇڭغا تېلېفون بېرىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لى كېچياڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە «ئۈچكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپىنى قويدى: بىرىنچى، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يارىلىنىش، مېيىپ بولۇش ۋە ئۆلۈشنى تىرىشىپ ئازايتىپ، جانلا بولسا قۇتقۇزۇشنى توختاتماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرقى پەيتكە بارمىغۇچە ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر