خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىنىي بۇيۇملار، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىنئام قىلغان ئالتۇن پۈتۈك، ئالتۇن تامغىلار، ماۋ جۇشى سۈرىتى... تارىختا ئۆتكەن دالاي، بەنچەنلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تۇتقان سوۋغاتلىرى كۆرگەزمىسى شىزاڭ مۇزېيىدا ئېچىلدى، بۇ كۆرگەزمە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان يۈز نەچچە قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق بېيجىڭ مەدەنىيەت سارىيى يىغىپ ساقلىغان تارىختا ئۆتكەن دالاي، بەنچەنلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تۇتقان سوۋغاتلىرى ۋە ئالاقىدار تەۋەررۈكلەر ئارىسىدىن تاللانغانىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى