باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى شىنجياڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى

2014.08.14 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى شىنجياڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى، بۇنىڭ بىلەن شىنجياڭ ئۇچۇرچىلىق كەسپىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى. شىنجياڭنىڭ رايون ئورنى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىمۇ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىپ، جايلاردىكى ئۇچۇرچىلىق كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ماگنىتقا ئايلاندى.


  ساتا ساداسى ئىچىدە، كارتون فىلىم لايىھەلىگۈچىسى ئادىلجان خىزمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، مۇخبىرغا پىرسۇناژلىرىنى ئۆزى لايىھەلىگەن يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى كارتون فىلىم «چۈمۆلىنىڭ كشپىياتى»نى كۆرسەتتى. بۇ ئەسەر مۇزىكا، رەڭ، مەنزىرە ۋە كىيىنىش جەھەتلەردىن قويۇق غەربىي دىيار تۈسىگە ئىگە ئىدى. ئادىلجانغا يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇرغان سىسىتېما ئىنژىنىرى ئابدۇللاھ ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىغا لايىھەلەپ بېرىۋاتقان كومپىيۇتېر ئارقىلىق نومۇر ئېلىش سىسىتېمىسىنى تەڭشەۋاتاتتى. بۇ سىستېما كېسەل كۆرۈش ئۆيلىرىنى ئاپتوماتىك تەقسىم قىلالىغاندىن باشقا، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا نومۇر چاقىرالايتتى.


  قارلۇق شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى پەخرىدىن.شېرىپ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن شىنجياڭنىڭ ئۇچۇر ئىستىمالىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك پۇرسەتتى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنى سىسىتېما توپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق، يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈستۈنلىكتىن پايدىلىنىپ، كارتون فىلىم ۋە يانفون ئويۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە چىقاردۇق.


  2012-يىلى قارلۇق شىركىتى ئىراندىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىلەن «مىڭ بىر كېچە»نىڭ چاتما كارتون فىلىمىنى ئىشلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تېھراندا تارماق شىركەت قۇردى. كېلەر ئايدا ئۇلارنىڭ قازاقىستان بىلەن بىرلىشىپ كارتون كىنو فىلىمى ئىشلەش تۈرىمۇ ئەمەلىيلىشىدۇ. پەخرىدىن مۇنداق دېدى: بىز ياسىغان ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش، كۆپ تىللىق قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت ۋە يانفون ئويۇنلىرى 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلدى، بۇلارنىڭ %12تى چەتئەل ئابونتلىرى.


  سىفېرلىق يىپەك يولى بازارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى جەملەپ، كەسىپنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى. بۇلتۇر شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇر كەسپىنىڭ سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 36 مىليارد يۇەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇمشاق دېتال ئۇچۇرچىلىق مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئۇدا 5 يىل %30تىن ئېشىپ كەتتى.


  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: بىز يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە، كېيىنكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ يىل شىنجياڭنىڭ ئۇچۇرچىلىق كەسپىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كىرىمى %30 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇمشاق دېتال تىجارىتىدىن قىلغان كىرىم 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %25 تىن ئارتۇق ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر