باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ناھىيە شەھەر 70 تىن ئاشتى

2014.08.15 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فۇجيەن ئۆلكىسى يېقىندا 34 ناھىيە، شەھەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى بىر قېتىمدىلا ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ناھىيە شەھەر 70 تىن ئاشتى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلىنغان دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانىغا ئاساسەن، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ناھىيە شەھەر مەملىكەت بويىچە بارلىق ناھىيە شەھەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالىماسلىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن ۋاز كەچكەنلىك بىلەن تەڭ ئەمەس. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دابيېشەن تېغى رايونىدا تۇتاش كەتكەن نامرات ناھىيەلەر بار، ھەم بۇ يەر سۇ تۇپراقنى ساقلىشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئېكولوگىيە ئىقتىدار رايونى؛ بۇ قېتىم بۇ يەر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالاشنى ئالدى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ جاۋچۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېچىشنى چەكلەش تەرەققىياتنى چەكلەش ئەمەس.


  1.پىلان ۋە سىياسەت جەھەتتە بۇ رايوننىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە بايلىق مۇھىتى بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئۆزگىچە ئىقتىسادى، ماس كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش.


  2.تەرەققىيات رايونىنى چەكلەش قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ سىياسىتى، مالىيە سىياسىتى، دۆلەت زېمىنى سىياسىتى ھەتتا باھالاش سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەردە قوللاش سىياسىتى باشلاندى. بۇ تەرەققىياتنى چەكلەش بولماستىن بەلكى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش.


  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى باھالىماسلىق باھالىماسلىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ بەلكى جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن،بايلىقنى خورىتىش، مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم قاتارلىقلارنى شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى باھالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەتتا بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر