باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوغدىنىش قىسمى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى ئۇدا كوللىكتىپ تاۋاپ قىلغان

2014.08.15 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوغدىنىش قىسمى كۆپ يىللاردىن بۇيان ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى ئۇدا كوللىكتىپ تاۋاپ قىلغان، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 20-ماددىسىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن دىن ئىشلىرىنى ئايرىش پىرىنسىپىغا زىت كېلىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.


  ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 20-ماددىسىدا، دۆلەت ۋە دۆلەتلىك ئورگانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ دەپ بېكىتىلگەن، كيودو ئاگېنتلىقى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقنى ئۇرۇشقا چاقىرىشىدىكى روھى تىرەك بولغاچقا ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ ئىدى. ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى كوللىكتىپ تاۋاپ قىلىشى پۈتۈن قوغدىنىش قىسمىنىڭ تارىخىي تونۇشىنى سىنايدىغان زور مەسىلە دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر