باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە ئىراقتىكى كورد قوراللىقلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ

2014.08.15 08:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 13-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى فىرانسىيەنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئىراق كورد ئاپتونۇم رايونىدىكى قورالىقلارغا قورال ياراق توشۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېيىلدى.


  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىراق كورد ئاپتونۇم رايونىدىكى ئامما ھازىر بالا-قازاغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنى يەنىمۇ قوللىشى كېرەك. فىرانسىيە ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىراق ئىراقتىكى بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇرۇش قىلىشى كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ.


  بۇندىن باشقا فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابيۇس تۈنۈگۈن فىرانسىيە تەمىنلىگەن 2-تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك بويۇملىرى ئىراق كورد ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئېربىل شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر