باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۈچ يىلدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇشقا 70 مىليارد يۈەن ئاجرىتىدۇ

2014.08.15 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈننەن ئۆلكىسى 13-ئاۋغۇست ئاچقان لۇديەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى يىغىنىدا:بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇشقا 70 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يەر تەۋرەش مەركىزىي بولغان لۇديەن ناھىيىسىدە ئاساسلىقى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بېسىمى ئېغىر، خەتەرنى تۈگىتىش ۋە خارابىلىك تازىلاش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قىيىنچىلىقى زور ، گېئولوگىيىلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېغىر، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇش قاتارلىق ئاساسلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر بار ئىكەن.


  يۈننەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەھەر،ناھىيەلەرنىڭ ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش تۈرلىرىگە 70 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ،پۇقرالار ئۆيلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى ياخشىلاش، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپەتنى ئازايتىش، ئۆزگىچە كىرىمنى كۆپەيتىدىغان كەسىپلەر قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق،ئۈچ يىلدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات سەۋىيىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئاپەتتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىدىن ئاشۇرۇلىدۇ.


  يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى جىخېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققان بولساقمۇ، لېكىن كېيىنكى باسقۇچتا كىشىلەرنى ئاختۇرۇش قۇتقۇزۇش، ۋاقتىدا داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلمىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتتىن كېيىن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھوشيار بولۇش، قاتناش راۋانلىقى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان ئالاھىدە جەڭدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز. بىز يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىكلىكى ، جاپالىقلىقى، مۇرەككەپلىكىنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى كۆپرەك نەزەردە تۇتۇپ، خىزمەت تەييارلىقىنى تولۇقراق قىلىپ،خىزمەتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر