باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن كورىيەنىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

2014.08.15 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئارمىيەسى كورىيە ئارمىيەسىنىڭ 12-ئاۋغۇست چاۋشيەننىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھەربىي جەھەتتە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش دېدى.


  چاۋشيەن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كورىيەنىڭ بۇ قېتىم ھەربىي ئېغۋاگەرچىلىك قىلىشىنىڭ مەقسىتى ئاممىنىڭ كورىيە ئەسكىرىنىڭ خورلۇققا ئۇچراپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىگە بولغان دىققىتىنى، شۇنداقلا «ئۆتكەن كۈنلەر» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە بولغان دىققىتىنى بۇراش، چاۋشيەن ئارمىيەسىنى قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىشقا قىستاپ، ئاندىن بۇنى باھانە قىلىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش.


  دوكلاتتا كورىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئالدىنقى سەپتىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ تاقىتىگە خاتا ھۆكۈم چىقارماسلىقى مۇراجىئەت قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر