باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇديەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش پىلانى دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇندالدى

2014.08.15 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 13-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يۈننەن ئۆلكىسى لۇديەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە،ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.يىغىندا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.


  ئىگىلىنىشىچە،يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لۇديەندىكى 6.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش پىلانىنىڭ ئورىگىنال نۇسخىسى رامكىسىنى تۈزۈش دەسلەپكى قەدەمدە ئاياغلاشقان. بۇ پىلاندا ئۈچ يىل ئىچىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئاپەتتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىدىن ئاشۇرۇش پىلانلىنىلغان.


  11-ئاۋغۇست سائەت 18گىچە خارابىلىككە كۆمۈلۈپ قالغان 600 نەچچە كىشى قۇتقۇزۇلدى. قازا قىلغان 472 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. 3143 كىشى داۋالاپ قۇتقۇزۇلدى، ھازىر 954 كشى دوختۇرخانىدا. ئۆلكە بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئىئانە پۇل 500 مىليون يۈەندىن ، ماددىي ئەشيا قىممىتى 140 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر